Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاياتتا بىللە ياشايمىز.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:11
12 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز.


«ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇچىغا چىققان گۇناھكار بولىمەن.


بىز ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز چوقۇم ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرۈلىمىز.


ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، لېكىن ئەيسا مەسىھ دائىم بىزگە كۈچ-قۇدرەت بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر ۋۇجۇدىمىزدىن ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايدۇ.


ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرىسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر.


بۇ سۆزلىرىم ھەقتۇر. ئۇلارنى تەكىتلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى دائىم تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلايدۇ. بۇ تەلىملەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ھەم پايدىلىقتۇر.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتا كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر.


كېيىن ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر، يەنى بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلار ئاشۇ ئۆلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە رەببىمىز بىلەن ئاسماندا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا كۆتۈرۈلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز.


ئۇ قارىماققا ئاجىزلىق ئىچىدە كرېستكە مىخلانغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھاياتتۇر. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش قارىماققا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ ياشاپ، سىلەرگە خىزمەت قىلماقتىمىز.


«ئەگەر بىر كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ ياخشى بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite