1 ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول.
ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.
چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بىزنى قورقۇنچقا سالمايدۇ، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.
قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار.
ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆسۈپ بارسۇن. بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!
مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي زىرۇببابەل، جاسارەتلىك بول! ئەي يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا، جاسارەتلىك بول! ئەي بۇ يەردىكى بارلىق خەلق، سىلەرمۇ جاسارەتلىك بولۇڭلار! ھازىرلا ئىشقا كىرىشىڭلار. مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىمەن، بۇ مېنىڭ ۋەدەم!
ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقلارنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلالايسەن.
ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل قانۇنلىرىمغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارساڭ، ھەممە ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىش ۋەدىسىنى جاكارلاش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن.
لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.