3 ئەمما، رەببىمىز ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم شەيتاننىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ.
رەببىمىز مېنى ھەر خىل يامانلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى ئۆز پادىشاھلىقىغا بىخەتەر يەتكۈزگەي. بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!
سىلەرنى چاقىرغان خۇدا جەزمەن شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ ئىشەنچلىكتۇر!
سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
يامانلىقلاردىن قوغدايدۇ پەرۋەردىگار، ھەم جېنىڭنى ئۇ ئامان قىلار.
سىلەرنى ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن زىچ باغلىنىشقا چاقىرغان خۇدا چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىكتۇر.
ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەت دەپ ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن ساقلا، دەپ تىلەيمەن.
ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!
بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن. بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »
شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا توغرا يولدا ماڭغانلارنى ئۇلار دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا سوراق كۈنىگىچە گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنى جازالاشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى،
ساقلىغايسەن بەندەڭنى بىلىپ گۇناھ قىلىشتىن، ھۆكۈمرانلىق قىلمىغاي گۇناھ مېنىڭ ئۈستۈمدىن. ئەيىبسىز بولۇرمەن مەن شۇندىلا، ساقلىنىمەن قىلىشتىن ئېغىر گۇناھ.
بىزگە گۇناھ قىلغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.»
پەقەت «ھەئە» دېگىنىڭلار «ھەئە»، «ياق» دېگىنىڭلار «ياق» بولسۇن. بۇنىڭدىن زىيادىسى شەيتاندىن كېلىدۇ.
يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، ماڭا بەخت ئاتا قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن. ماڭا يار بولۇپ، مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى.
مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي. مېنىڭ نامىم ۋە ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي. ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.»
پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.