Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7-8 شەيتاننىڭ كۈچى ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، بۇ كۈچنى توسۇپ كېلىۋاتقان توسالغۇ يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىنلا، خۇداغا قارشى چىققۇچى ئاشكارىلىنىدۇ. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ھالاك قىلىۋېتىدۇ ۋە يەر يۈزىگە كەلگەندىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوقىتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:7
9 Referans Kwoze  

ئەزىز بالىلىرىم، زامان ئاخىرى بولۇپ قالدى. سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ ئاخىر زاماندا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇنلىرى مەيدانغا چىقتى. بۇنىڭدىن زامان ئاخىرى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم.


ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر پادىنى قالايمىقانلاشتۇرغانغا ئوخشاش،


بىراق، بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى يوق بولىدۇ. بۇنداقلاردا ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ روھى باردۇر. بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار. دەرۋەقە، ئۇ ھازىرمۇ دۇنيادا مەۋجۇتتۇر.


پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: - نېمىگە ھەيران بولۇۋاتىسەن؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇ مىنىپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.


پېشانىسىگە «كاتتا بابىل - پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىكلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن بىر سىرلىق نام يېزىلغانىدى.


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.


خۇداغا قارشى چىققۇچىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ھازىرغىچە نېمىنىڭ توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىسىلەر. ئۇ پەقەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئاشكارىلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite