Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئەگەر سىلەر «رەببىمىزنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، ھودۇقۇپ كەتمەڭلار، قورقۇپمۇ كەتمەڭلار. بۇنداق سۆزنى قىلغۇچىلار مەيلى ئۇنى خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيدىن ياكى باشقىلارنىڭ تەلىمىدىن ئاڭلىدۇق ياكى بولمىسا بىزنىڭ نامىمىزدا يېزىلغان خەتلەردىن كۆردۇق دېسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:2
27 Referans Kwoze  

سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.


مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ، مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر.


ئۇرۇش ۋە توپىلاڭنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ دەسلەپتە يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.


بىز ھازىر رەببىمىزنىڭ سۆزى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەببىمىز قايتا كەلگەندە، بىز ھايات ياشاۋاتقانلار ھەرگىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئېتىقادچىلاردىن ئاۋۋال رەببىمىز بىلەن جەم بولالمايمىز.


سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئېتىقادىڭلارنى تا ئاخىرغىچە مۇستەھكەملەيدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: - كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىڭلار، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار.


چىداملىق بولغىنىڭلاردا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.


چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.


ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە: «سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ.


سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى.


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز، سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردىكى قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئېتىقادىڭلارنىڭ تەۋرىنىپ قالماسلىقى ھەمدە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىشتۇر. بىزنىڭ چوقۇم قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىمىزمۇ سىلەرگە مەلۇم.


بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن ئوي-خىيالى سەندە بولغانلارغا سەن مۇكەممەل تىنچلىقنى بېرىسەن، چۈنكى ئۇلار ساڭا تايانغان.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، ئېتىقادىڭلاردا قەتئىي تەۋرەنمەڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمدە چىڭ تۇرۇڭلار!


چۈنكى، سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر، رەببىمىزنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنى خۇددى كېچىدىكى ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز كېلىدۇ.


سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار.


مەن شۇنداق قارايمەنكى، بۈگۈنكى قىيىنچىلىقلارغا نەزەر سالغاندا، ھەركىم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان چاغدىكى سالاھىيىتىدە قالغىنى ياخشى.


خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدىغان ئادەم ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، نۆۋەت كۈتۈپ تۇرالايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite