سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16-17 رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن، ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز سىلەرنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرگە بارلىق ياخشى ئىش، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا كۈچ-قۇدرەت بەرگەي! Gade chapit la |
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.