Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، ئېتىقادىڭلاردا قەتئىي تەۋرەنمەڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمدە چىڭ تۇرۇڭلار!

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:15
10 Referans Kwoze  

دائىم مېنى ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلار ۋە مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرگە ئەمەل قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ماختايمەن.


قېرىنداشلار، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، كۈن بويى لاغايلاپ يۈرگەنلەردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنى رەببمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمىز.


ئەگەر سىلەر «رەببىمىزنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، ھودۇقۇپ كەتمەڭلار، قورقۇپمۇ كەتمەڭلار. بۇنداق سۆزنى قىلغۇچىلار مەيلى ئۇنى خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيدىن ياكى باشقىلارنىڭ تەلىمىدىن ئاڭلىدۇق ياكى بولمىسا بىزنىڭ نامىمىزدا يېزىلغان خەتلەردىن كۆردۇق دېسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار.


قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار.


ئەي سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەرنى كۆرۈشكە شۇ قەدەر تەشنامەن! سىلەر مېنىڭ خۇشاللىقىم ھەم پەخرىمسىلەر. رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلاردا قىلچە تەۋرەنمەڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.


قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە زىت تەلىم بېرىش بىلەن، ئاراڭلاردا بۆلۈنۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن يىراقلىشىڭلار.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.


ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئۇلارنى ئۇيالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئارىلاشماڭلار.


ئۇ ئۆزىگە ئۆگىتىلگەن ئىشەنچلىك تەلىمدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ بۇ توغرا تەلىم ئارقىلىق باشقىلارغا نەسىھەت قىلالايدۇ ھەم تەلىمگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتەلەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite