12 نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، يامان ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.
ئۇلار خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ ئەسكىلىكلەرنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىدۇ.
لېكىن، ھەقىقەتنى رەت قىلىپ، يامانلىققا ئەگەشكەن شەخسىيەتچىلەرگە ئۇ غەزەپ-نەپرەت ياغدۇرىدۇ.
چۈنكى، خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىسۇن دەپ ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلسۇن، دەپ تاللىغاندۇر.
مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن. يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار، ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇڭلار.
خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ.
ئۇلار رەزىللىكلىرى بىلەن پادىشاھنى، يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارنى خۇش قىلىدۇ.
پەرۋەردىگار كۆزىتەر ھەققانىي ۋە رەزىللەرنى، ئۆچ كۆرەر زوراۋانلىققا مەپتۇنلارنى.
بۇنى ئاڭلاپ، ئالىي روھانىيلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى. يەھۇدامۇ ھەزرىتى ئەيسانى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى.
قەدىرلىك دوستۇم، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئال. ياخشىلىق قىلغان كىشى خۇداغا مەنسۇپتۇر. يامانلىق قىلغان كىشى خۇدانى تونۇپ يەتمىگەندۇر.
ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
سىلەر ياخشىلىقتىن نەپرەتلىنىسىلەر، رەزىللىكنى ياخشى كۆرىسىلەر. خەلقىمنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر، گۆشىنى شىلىسىلەر.
ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغان كۈنى ئاز قالدى، ئۇلارنىڭ قىسمىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.»
مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ.
ھەمدە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مەڭگۈ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇلۇشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ.