Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يالغان گەپلەرگە ئىشىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:11
21 Referans Kwoze  

ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى.


نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ.


مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادتىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئەگىشىدۇ.


سىلەر كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە سالغان پالىڭلار يالغاندۇر. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان رەزىللەرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلىدۇ. چۈنكى ۋاقىت توشتى، سوراق كۈنى كەلدى.


بىز بۇ خۇش خەۋەرنى بىرەر ساختىلىق، يامان نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك بىلەن يەتكۈزۈۋاتقىنىمىز يوق.


چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.


ئۇ خۇشتار ئىدى لەنەت ئوقۇشقا، شۇڭا لەنەت كەلسۇن ئۇنىڭ بېشىغا. رايى يوق ئىدى بەخت تىلەشكە، شۇڭا بەخت يىراق بولسۇن ئۇنىڭغا.


ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، ئۆزى مەسلىھەت بەرسە، ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، خاتا مەسلىھەت بەرسە، ئۇنىڭغا خاتا مەسلىھەت بەرگۈزگۈچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن ۋە ئۇنى ئىسرائىل خەلقىم ئارىسىدىن يوقىتىمەن.


شۇڭا مەن چوقۇم ئۇلارغا جاپا سېلىشنى تاللايمەن، ئۇلار قورقىدىغان ئىشلارنى ئۇلارغا يولۇقتۇرىمەن. چۈنكى چاقىرسام ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى، سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلدى، مېنى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تاللىدى.»


ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرى يالغان. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش پەقەت ئۆز زېمىنىڭلاردىن ئايرىلىپ، يىراق جايلارغا سۈرگۈن قىلىنىشىڭلارغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن، سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر.


ئەي كۈل يەيدىغان ئەخمەقلەر، سىلەرنىڭ نادان قەلبلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالدايدۇ، بۇ بۇتلار سىلەرنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ، سىلەر: «قولۇمدىكى بۇ نەرسە خۇدا ئەمەسقۇ!» دەپ ئويلىمايسىلەر.


مەن: _ ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى خەلقلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن: «سىلەر ئامان قالىسىلەر!» دەپ ئالدىشىغا يول قويغانىدىڭ. ئەمەلىيەتتە قىلىچ گېلىمىزغا ئاللىقاچان تەڭلىنىپ بولغانىدى! _ دېدىم.


ھەق سۆزلەرنى رەت قىلىپ، بىمەنە ئەپسانىلەرگە قۇلاق سالىدۇ.


يۈسۈپنىڭ خوجايىنى ئايالىنىڭ يەنە: «سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى مانا مۇشۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite