Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ھەمدە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مەڭگۈ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇلۇشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:10
29 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەر مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە يۈز تۇتقانلارغا نىسبەتەن بىر ئەخمىقانىلىكتۇر. لېكىن، قۇتقۇزۇلۇش يولىدا مېڭىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن، ئۇ خۇدانىڭ بىزنى قۇتقۇزىدىغان كۈچ-قۇدرىتىدۇر.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ.


لېكىن، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە خالىغانچە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ھايۋاناتلاردەك ئەقىلسىز كېلىدۇ ھەمدە بۇ ياۋايى ھايۋاناتلارغا ئوخشاش ھالاك قىلىنىدۇ.


رەببىمىزنى سۆيمىگەنلەرگە لەنەت بولسۇن. ئى رەببىمىز، كەلگەيسەن!


بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ.


شۇڭا، ئۇنىڭ بۇ چاكارلىرىمۇ ئۆزلىرىنى ئادىللىقنىڭ خىزمەتكارلىرى دەپ پەردازلىۋالسا، ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە لايىق بولىدۇ.


سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،


خۇدا پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىنى خالايدۇ.


شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز.


ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز.


مانا بىز قۇتقۇزۇلىدىغانلارغىمۇ، ھالاك بولىدىغانلارغىمۇ چېچىلىدىغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداغا ئاتىغان خۇش پۇرىقىدۇرمىز.


قېرىنداشلار، مەن جانجىگىرىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ھەمدە بۇنى خۇدادىن دائىم تىلەيمەن.


خۇداغا شۈكۈر! گەرچە سىلەر بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغان بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەركىن قىلىنىپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە بەرگەن تەلىمگە چىن دىلىڭلاردىن بويسۇندۇڭلار.


ئەمەلىيەتتە، ماڭا بىر ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقى كېرەك ئەمەس. سىلەرنى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىپ، قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن.


خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى.


چۈنكى، ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتا يولدىن يېڭىلا تارتقانلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ.


ھېچقايسىڭلارنىڭ قەلبىنىڭ گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن جاھىللاشماسلىقى ئۈچۈن، «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، بىر-بىرىڭلارنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار.


چۈنكى، بۇنداقلار ساختا ئەلچىلەر، ھىيلىگەرلەر بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى، دەپ پەردازلىۋالغانلاردۇر.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى.


نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، يامان ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.


ئەي، رەببىمىز سۆيگەن قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن ھەر دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. سەۋەبى، سىلەرنىڭ مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن پاك قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئالدىن تاللىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite