Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:3
26 Referans Kwoze  

ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆسۈپ بارسۇن. بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!


تاڭ نۇرىغا ئوخشار ھەققانىيلارنىڭ يولى، قۇياش تولۇق كۆتۈرۈلگىچە نۇرلىنار يورۇغانسېرى.


ئەي، رەببىمىز سۆيگەن قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن ھەر دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. سەۋەبى، سىلەرنىڭ مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن پاك قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئالدىن تاللىدى.


قېرىنداشلار، ئاخىردا بىز يەنە شۇنى دېمەكچىمىزكى، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىزدىن ئۆگىنىۋالدىڭلار ھەمدە سىلەر ئەمەلىيىتىڭلاردىمۇ بىزدىن ئۆگەنگىنىڭلار بويىچە شۇنداق ياشاۋاتىسىلەر. ئەمدى خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سورايمىز.


مەن شۇنىڭغا دۇئا قىلىمەنكى، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ۋە ئاقىللىقىڭلارنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن.


رەببىمىز سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدەك تولۇپ تاشتۇرغاي.


باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پۇتاپ تۇرىدۇ.


سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلار پاك قىلىنىپ، ئېتىقادچىلارنى سۆيىدىغان سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولدۇڭلار. شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار.


سىلەر ئۈچۈن خۇشاللىققا چۆمدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا بىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن قانداقمۇ تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالايمىز!


ئالدى بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە سۆزلەنمەكتە.


ھايات ۋاقتىمدا بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۈم.


لېكىن، يېقىندا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەن تىموتىي ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇ سىلەرنىڭ بىزنى ھەر دائىم خۇرسەنلىك بىلەن ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلارنى، خۇددى بىزنىڭ سىلەرنى كۆرگۈمىز كەلگەندەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.


مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار.


ھەممە ئىشلاردا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەمىشە خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن.


ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتكەيسىز، - دېيىشتى.


لېكىن، سېنىڭ ئىنىڭ ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋېلىشىمىزغا تېگىشلىك» دەپتۇ ئاتىسى ئۇنىڭغا.


تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا، گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا.


ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار، سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.


ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ.


قىسقىسى، ئۆز خىزمەت دائىرىمىزدىن چىقىپ، باشقىلارنىڭ خىزمىتى بىلەن ماختانغىنىمىز يوق. بىز پەقەت ئېتىقادىڭلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاراڭلاردا قىلغان خىزمىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىدىغان ھەمدە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان كۈنىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite