Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 9:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 _ سائۇل جەمەتىدىن بىرەر ئادەم قالغاندۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسەتكۈم بار، _ دېدى پادىشاھ. _ يوناتاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھاياتتۇر، لېكىن ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپتۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 9:3
11 Referans Kwoze  

سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپ بولغان مىفىبوشەت ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. سائۇل بىلەن يوناتان قازا قىلغاندا، ئۇ بەش ياشتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يىزرىئەلدىن يېتىپ كەلگەندە، ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقانىدى. ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقاندا، ئالدىراپ قاچقاچقا، بالا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، مېيىپ بولۇپ قالغانىدى.


ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.


لېكىن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى پۈتكۈل ئەللەر ئىچىدىن تاللىدى. ئەھۋال مانا بۈگۈن سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەكتۇر.


مىفىبوشەت: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، پېقىرلىرى توكۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن، خىزمەتكارىم زىباغا: «ئېشەكنى ئىگەرلە، مەن ئېشەككە مىنىپ پادىشاھ بىلەن بىرگە كېتىمەن» دېگەنىدىم. لېكىن ئۇ مېنى ئالداپلا قالماستىن،


ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى تاللىدى. ئۇ شەخسەن ئۆزىنىڭ بۈيۈك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


_ قورقما، مەن ئاتاڭ يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بۇرۇن بوۋاڭ سائۇلغا تەۋە بولغان يەر-زېمىننىڭ ھەممىسىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەن دائىم داستىخىنىمدا مەن بىلەن بىرگە غىزالىنىسەن، _ دېدى داۋۇت ئۇنىڭغا.


ئىككىلا پۇتى مېيىپ بولغان مىفىبوشەت ئەمدى يېرۇسالېمدا ياشاپ قالدى ۋە دائىم پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا غىزالىنىپ تۇردى.


يەنە ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا مېنى قارىلاپتۇ. ئەمما پادىشاھ ئالىيلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايلا. شۇڭا ئۆزلىرىگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق بولسا، شۇنداق قىلغايلا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite