Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 9:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە بارلىق خىزمەتكارلىرىڭ خوجايىنىڭنىڭ يەرلىرىنى تېرىپ، ئالغان ھوسۇلنى ئۇنىڭغا بەرگىن. خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت بولسا دائىم مەن بىلەن بىر داستىخاندا بولىدۇ، _ دېدى. (زىبانىڭ 15 ئوغلى، 20 خىزمەتكارى بار ئىدى.)

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 9:10
10 Referans Kwoze  

_ قورقما، مەن ئاتاڭ يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بۇرۇن بوۋاڭ سائۇلغا تەۋە بولغان يەر-زېمىننىڭ ھەممىسىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەن دائىم داستىخىنىمدا مەن بىلەن بىرگە غىزالىنىسەن، _ دېدى داۋۇت ئۇنىڭغا.


بوۋامنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈمگە مەھكۇم كىشىلەر ئىدى، ئەمما ئۆزلىرى ماڭا داستىخانلىرىدىن تائام يېيىش ئىمتىيازىنى بەرگەنىدىلە. مېنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نەرسە سوراشقا يەنە نېمە ھەققىم بولسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەردى.


ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى زىياپەتتە ئولتۇرىدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! - دېدى.


يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى.


پادىشاھ يەنە: _ خوجايىنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت قەيەردە؟ _ دەپ سورىدى. زىبا: _ مىفىبوشەت يېرۇسالېمدا قالدى. ئۇ بۈگۈن ئىسرائىل خەلقى ماڭا بوۋام سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى قايتا تىكلەپ بېرىدۇ دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.


پادىشاھ داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە ئىچى ئاغرىدى. چۈنكى ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن دوستلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەنىدى.


گىلئادلىق بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارغا سەن بىلەن بىر داستىخاندا تائام يەيدىغانلار ئارىسىدىن ئورۇن بەرگىن. چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەن چاغلاردا، ئۇلار ماڭا ياخشىلىق قىلدى.


ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى بابىل پادىشاھى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەپ بەردى.


ئۇلار: _ پادىشاھ جەمەتىنى دەريادىن ئۆتكۈزەيلى، ئۇنىڭ ھەممە تەلەپلىرىنى ئورۇندايلى، _ دېيىشتى ۋە دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىغا ئۆتۈشتى. بۇ چاغدا پادىشاھ دەريادىن ئۆتەي دەپ تۇراتتى، گېرانىڭ ئوغلى شىمئى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەزىم قىلىپ:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite