Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە يېتىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن تانا بىلەن ئۇلارنى ئۆلچەپ، ئىككى تانا ئۇزۇنلۇقى ئىچىدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بىر تانا ئۇزۇنلۇقى ئىچىدىكىلەرنى ساق قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، تىرىك قالغان موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:2
22 Referans Kwoze  

غايىبانە ئالامەتتە ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئەمەس، ئۇنىڭغا قارىدىم، لېكىن ئۇ يېقىنمۇ ئەمەس. دېمەك، بىر يۇلتۇز چىقار ياقۇپ نەسلىدىن، بىر سەلتەنەت ھاسىسى چىقار ئىسرائىلىيەدىن. ئۇ موئابنىڭ پېشانىسىنى ئۇرۇپ يارىدار قىلار، شېتنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىنى چېقىپ تاشلار.


پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا، چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا. چۇقان سالىمەن، فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.»


شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى.


لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر: _ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى.


خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يېيەلەيسىلەر، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر.


پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا، چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا. چۇقان سالىمەن، فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.»


ئاممونلار ئۇززىياغا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرىدىغان بولدى. ئۇززىيا ناھايىتى كۈچىيىپ، شۆھرىتى تاكى مىسىرغىچە يېتىپ باردى.


ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.


ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر ھوشىياغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. ھوشىيا ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئالۋان-سېلىق تاپشۇرىدىغان بولدى.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن، موئابلار ئىسرائىلىيەدىن يۈز ئۆرۈدى.


ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا ۋە خۇمداندا خىش پىشۇرۇشقا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلدۇردى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.


سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن، يەنى موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ قايسى يەرگە بارمىسۇن، ھەممە يەردە غەلىبە قىلدى.


مانا، ئىدوملۇقلار، ئىسمائىلنىڭ نەسىللىرى، موئابلىقلار ۋە ھاگرىلار،


داۋۇت ئۇ يەردىن موئاب زېمىنىدىكى مىزپاھ دېگەن شەھەرگە كېلىپ، موئاب پادىشاھىغا: _ خۇدانىڭ ماڭا قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى بارلىقىنى بىلگۈچە، ئاتا-ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسىلا، _ دەپ ئىلتىجا قىلدى.


شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئاتا-ئانىسىنى موئاب پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ تاغدىكى غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن مەزگىلدە، ئاتا-ئانىسى ئۇ يەردە تۇردى.


پادىشاھ سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن فىلىستىيەگىچە، فىلىستىيەدىن مىسىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن پادىشاھلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇلار سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.


جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.


ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟ بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite