Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى روھانىي ئىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:18
18 Referans Kwoze  

بىز كىرېتلەر، كالىب ۋە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان يەھۇدا چۆلىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىردۇق ھەم زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇۋەتتۇق، _ دەپ جاۋاب بەردى.


يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان باش ئەمەلدارلار ئىدى.


شۇ چاغدا پۈتكۈل ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ قوماندانى يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا،


شۇنىڭ بىلەن يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار ۋە باھادىرلار ئابىشايغا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمدىن چىقىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى قوغلاپ ماڭدى.


قالغانلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەملەر ۋە گاتتىن پادىشاھقا ئەگىشىپ كەلگەن 600 نەپەر گاتلىقلار داۋاملىق مېڭىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.


پادىشاھ داۋۇت سۇلايماننى روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، شۇنداقلا كىرېتلەر ۋە پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار بىلەن بىللە يولغا سالدى. ئۇلار سۇلايماننى پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى.


شۇنىڭ بىلەن روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، شۇنداقلا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار سۇلايماننى پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، گىھون بۇلىقىغا ئېلىپ باردى.


ئەي دېڭىز بويىدىكى كىرېتلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي كەنئاندا تۇرىدىغان فىلىستىيەلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن، بىرىڭلارنىمۇ قويماي يوق قىلىمەن.»


شۇڭا مەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كىرېت قەبىلىسىنى يوقىتىمەن، دېڭىز بويىدا ياشايدىغانلارنىمۇ قىرىپ تاشلايمەن.


يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ئۇ قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئىدى. زادوق ۋە ئەبىياتار، ئۇلار روھانىي ئىدى.


يائىرلىق ئىرا بولسا داۋۇتنىڭ خۇسۇسىي روھانىيسى ئىدى.


ئەمما روھانىي زادوق، ياساۋۇللار باشلىقى بولغان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمئى، رېئى ۋە داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ھېچكىم ئادونىيانى قوللىمىدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئادونىيانى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. بىنايا بېرىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.


يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ باتۇر لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ.


ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا، ئۇ يەرلىك ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىدىغان ۋەزىر ئىدى. يەنە بىر ئوغلى زابۇد روھانىي ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.


يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا كارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ياللانما لەشكەرلەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغدى. باش روھانىي ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ پىلانى ھەققىدە كېلىشتى ۋە ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ ئۇلارغا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى كۆرسىتىپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite