Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى،

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:16
10 Referans Kwoze  

شىشانىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەلىخورەف ۋە ئاخىيا، ئۇلار پۈتۈكچى ئىدى. ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات، ئۇ تەزكىرىچى ئىدى.


داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: _ كىمكى بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارنى ئۆلتۈرسە، شۇ ئادەم لەشكەرلىرىمنىڭ بېشى ۋە سەركەردىسى بولىدۇ، _ دېدى. مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارنى ئۆلتۈرۈپ، لەشكەر بېشى بولدى.


داۋۇت ئۇلارغا يەنە ئاماساغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى: «ئەي ئاماسا، سەن مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىندىشىم. سېنى ھازىردىن باشلاپ يوئابنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى قىلمىسام، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن!»


مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب داۋۇتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، گىبئون كۆلچىكىنىڭ بويىدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى. ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى كۆلچەكنىڭ بۇ تەرىپىدە، داۋۇتنىڭ ئادەملىرى كۆلچەكنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇشتى.


داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى.


ئۇلار پادىشاھ خىزكىيانى چاقىرتتى. خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى.


خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.


ئۇ ئادەملىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ ئاكىسى، يەنى مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاينىڭ قولىغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇردى. داۋۇت ئۇلارغا: _ مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرگە جەڭگە چىقىمەن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite