Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:15
24 Referans Kwoze  

يامانلىقتىن يىرگىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەي يۈسۈپ ئەۋلادلىرىدىن ئامان قالغانلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا بەلكىم سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتەر.


تەختىڭنىڭ ئۇلى بولسا ھەققانىيلىق، ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ۋە ساداقەتلىك ھۆكۈمرانلىقىڭنىڭ ھەمراھىدۇر.


ئۇ خەلقىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى ئادىل چىقارغاي، ئاجىز، يوقسۇل بەندىلەرگە ھەققانىي بولغاي.


بۇنىڭ ئورنىغا ئادالىتىڭلار ئېقىن سۇدەك، ھەققانىيلىقىڭلار قۇرماس دەريادەك ئاقسۇن.


ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!


خۇدا ئېيتار: «مەن بېكىتكەن ۋاقىتتا، سورىقىمنى ئادالەتتە سورايمەن.


داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى.


ئۇ ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە يەتتە يېرىم يىل ۋە يېرۇسالېمدا ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە 33 يىل پادىشاھ بولدى.


ئابنېر داۋۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ: «بۇ زېمىن سىزگە تەۋە بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن كېلىشىم تۈزۈڭ، مەن سىزگە ياردەملىشىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى سىزگە ئېلىپ بېرىمەن» دېدى.


ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى بويسۇندۇردى، ئادىللىق بىلەن دۆلەت باشقۇردى، خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى،


ئۇ يەنە ئىدومنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.


مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى،


پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولغاچقا، ئۇ سىلىنى ئادىل ۋە ھەققانىي ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ، پادىشاھ قىلىپ تىكلەپتۇ.


قىلدىم ئادىل، توغرا ئىشلارنى، زالىملارنىڭ قولىغا قالدۇرما مېنى.


سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن، يەنى موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ قايسى يەرگە بارمىسۇن، ھەممە يەردە غەلىبە قىلدى.


ئابسالوم: «قاراڭ، دەۋايىڭىز يوللۇق ھەم ھەق ئىكەن، بىراق پادىشاھنىڭ يېنىدا بۇنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق» دەيتتى.


شۇ چاغدا پۈتكۈل ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ قوماندانى يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا،


سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite