Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئۇ يەنە ئىدومنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:14
18 Referans Kwoze  

باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي، خەلقلەر ساڭا تەزىم قىلغاي. قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن. ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي. ساڭا لەنەت ئوقۇغانلار لەنەتكە قالغاي، ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەختلىك بولغاي.»


شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.»


داۋۇت يەنە ئىدومغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى، ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.


ئۇ چاغلاردا ئىدومدا پادىشاھ يوق ئىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇ يەرنى باشقۇرۇشقا بىر ۋالىي تەيىنلىدى.


داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى.


ئىلگىرى پادىشاھ داۋۇت ئىدومنى مەغلۇپ قىلغاندا، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى يوئاب جەڭدە قۇربان بولغان ئىسرائىللارنى دەپنە قىلغىلى بېرىپ، ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تاشلىغانىدى.


داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.


قەيەرگىلا بارساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن.


يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئوفىر زېمىنىدىن ئالتۇن ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان كاتتا كېمىلەرنى ياساتتى. لېكىن كېمىلەر ئەزيون-گەبەردىن چىقماي تۇرۇپلا پارچىلىنىپ كەتتى، ئوفىرغا بارالمىدى.


ئامازيا تۇز جىلغىسىدا 10 مىڭ ئىدوملۇقنى ئۆلتۈردى. ئۇ سەلا شەھىرىنى جەڭ بىلەن ئېلىپ، شەھەرنىڭ ئىسمىنى يوقتىئېل دەپ ئۆزگەرتتى. بۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى.


ئى خۇدا، يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ رەت قىلىپ بىزنى، غەزەپلەندىڭ، ئەمدى قايتۇر يېنىڭغا ھەممىمىزنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite