13 داۋۇت تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن، ناھايىتى داڭ چىقاردى.
ئامازيا تۇز جىلغىسىدا 10 مىڭ ئىدوملۇقنى ئۆلتۈردى. ئۇ سەلا شەھىرىنى جەڭ بىلەن ئېلىپ، شەھەرنىڭ ئىسمىنى يوقتىئېل دەپ ئۆزگەرتتى. بۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
قەيەرگىلا بارساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن.
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.
ئى خۇدا، يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ رەت قىلىپ بىزنى، غەزەپلەندىڭ، ئەمدى قايتۇر يېنىڭغا ھەممىمىزنى.
ئامازيا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، لەشكەرلىرىنى تۇز جىلغىسىغا باشلاپ باردى ۋە ئۇ يەردە سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭ ئىدوملۇقنى قىرىپ تاشلىدى.
ئاندىن ئۇلار: _ كېلىڭلار، بىز بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەر مۇنارىنىڭ ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشسۇن. بىز شۇ ئارقىلىق نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.
ئىلگىرى پادىشاھ داۋۇت ئىدومنى مەغلۇپ قىلغاندا، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى يوئاب جەڭدە قۇربان بولغان ئىسرائىللارنى دەپنە قىلغىلى بېرىپ، ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تاشلىغانىدى.