Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11-12 پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى بۇرۇن بويسۇندۇرغان بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە، شۇنداقلا زوباھ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەردىن ئالغان ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىغا قوشۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:11
8 Referans Kwoze  

شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلارنى تاماملىدى. پادىشاھ سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.»


مەن خۇدايىمنىڭ بۇ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن نۇرغۇنلىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنى تەييارلىدىم. ئۇلاردىن باشقا كۆپلىگەن يوللۇق ھېقىق، فىرۇزە تاشلار، رەڭلىك تاشلار، مەرمەر ۋە ھەر خىل قىممەتلىك تاشلارنىمۇ تەييارلىم.


پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ۋە بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.


ئوغلى يورامنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە، توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. يورام داۋۇت پادىشاھقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدى.


شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلارنى تاماملىدى. سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite