Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئوغلى يورامنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە، توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. يورام داۋۇت پادىشاھقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 8:10
9 Referans Kwoze  

يولدىن ئۆتكەنلەر دېمەس بۇ قۇتلۇق تىلەكنى ئۇلارغا: «ئىگىمىز بەرىكەت بەرسۇن ئىشىڭلارغا، سىلەرگە بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا.»


ئوغلى ھادورامنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ يەنە داۋۇتقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدى.


لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئەمدىلا قىلىپ بولغاندا، سامۇئىل يېتىپ كەلدى. سائۇل ئۇنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىقتى.


ئۇ چاغلاردا، بالئاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان، پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا خەت ۋە سوۋغا-سالام بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى.


ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى كېلىپ، پادىشاھىمىز داۋۇتنى تەبرىكلەپ: «سىلى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سۇلايماننىڭ شان-شۆھرىتىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ زىيادە قىلسۇن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلسۇن» دېيىشتى. پادىشاھ تۆشىكىدە يېتىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ،


يۈسۈپ ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن: _ سىلەر ماڭا ياشىنىپ قالغان ئاتاڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلغانىدىڭلار. ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى قانداق، ھاياتمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،


پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى بۇرۇن بويسۇندۇرغان بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە، شۇنداقلا زوباھ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەردىن ئالغان ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىغا قوشۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.


يات خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ئاتا قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغىمۇ قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىزكىيا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite