4 لېكىن شۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگاردىن ناتان پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
لېكىن شۇ كۈنى كەچتە خۇدادىن ناتان پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن.
دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.
ناتان داۋۇتقا: _ كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىزگە ياردۇر، _ دېدى.
_ سەن بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: «مەن تۇرىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن سالماقچىمۇ؟
پەرۋەردىگار ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، بىرسى كەمبەغەل ئىكەن.
ئۇ ئاتامغا: «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، بىراق خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.