Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ناتان داۋۇتقا: _ كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىزگە ياردۇر، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:3
14 Referans Kwoze  

ئۇ سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى ئويلىغانىدىم.


پادىشاھ داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قېرىنداشلىرىم، خەلقىم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئەسلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالماقچى ئىدىم. ئەھدە ساندۇقى پەرۋەردىگارنىڭ پۇتىنى قويىدىغان يېرىدۇر. مەن ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم.


ئاندىن ئايال تاغقا چىقىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىۋالدى. گېخازى ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولۇۋىدى، لېكىن ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەت، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى پەرىشان. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرۇپ، ماڭا ئېيتماپتۇ، _ دېدى.


لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىمىغىن، مەن ئۇنى تاللىمىدىم. پەرۋەردىگار ئادەملەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدۇ» دېدى.


سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.


شادلىقىم دەپ بىلسەڭ ئەگەر پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرار قەلبىڭدىكى ئارزۇلارنى.


ئەمەلگە ئاشۇرغاي ئارمانلىرىڭنى، ئىجابەت قىلغاي كۆڭلۈڭگە پۈككەنلىرىڭنى.


بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغىن، چۈنكى خۇدا ساڭا ياردۇر.


لېكىن شۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگاردىن ناتان پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


_ كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىغان بولسىڭىز، شۇنداق قىلىڭ! نېمە ئىش قىلسىڭىز، مەن سىز بىلەن بىرگە بولىمەن، _ دېدى قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى.


ئەمما روھانىي زادوق، ياساۋۇللار باشلىقى بولغان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمئى، رېئى ۋە داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ھېچكىم ئادونىيانى قوللىمىدى.


پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە پۈتۈلگەندۇر.


پادىشاھ خىزكىيا لاۋىيلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار پادىشاھ داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى گاد ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite