Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 ئەي قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سەن مەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ۋەدە قىلغانىدىڭ. شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:27
10 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالىسەن ئېزىلگەنلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە، قۇۋۋەت بېرىسەن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە. كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىسەن دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە.


شۇڭا سېنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرمەكچىدىم. ئەگەر سەن بۇ يەرنى ئېلىشنى خالىساڭ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئاقساقاللار ۋە جامائەت ئالدىدا ئالغىن. ئەگەر ئېلىشنى خالىمىساڭ، ئوچۇق ئېيتقىن. بۇنى مېنىڭ بىلىشىم كېرەك، چۈنكى ئالدى بىلەن سېنىڭ ئېلىش ھوقۇقۇڭ بار. ئاندىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كېلىدۇ، _ دېدى. ھېلىقى تۇغقىنى: _ ئالىمەن، _ دېدى.


ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى، ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى. ئاڭلىسۇن دەپ بۇنى ئاچتىڭ قۇلاقلىرىمنى.


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى:


مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. روھانىيلىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەخشەندە قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ.


مېنىڭ نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالىدۇ. مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن.


ئەگەر سەن ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنۇپ، يولۇمنى تۇتۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا خىزمەتكارىم داۋۇتتەك رىئايە قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، داۋۇتقا قۇرۇپ بەرگىنىمگە ئوخشاش ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر خانىدانلىق قۇرۇپ بېرىمەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite