سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 شۇندىلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىشىدۇ. قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ھۇزۇرۇڭدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ. Gade chapit la |
كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن سەن بۇ خەلققە ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭنى، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەمرىڭ بويىچە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرگەيسەن.