25 ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەن قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭدە مەڭگۈ تۇرغايسەن، ۋەدىلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن.
ئۇنتۇمىغىن مەن قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى _ ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان ئاشۇ كالامىڭنى.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ سانىنى قويلاردەك كۆپەيتىمەن.
ھەممە ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىدىغانلىقىڭ ۋە ماڭا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز ئەۋلاد بېرىدىغانلىقىڭ ھەققىدە قىلغان ۋەدەڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىللارنى مەڭگۈلۈك ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ ۋە ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.
شۇندىلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىشىدۇ. قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ھۇزۇرۇڭدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ.
شۇندىلا پەرۋەردىگار: «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مېنىڭ يولۇمدىن ئاداشماي، ماڭا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سادىق بولسا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
ئى بىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن!
ئەمەلگە ئاشۇرساڭ قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى، خەلقلەر تېخىمۇ ھۆرمەتلەر سېنى.
ئەلقانا ئۇنىڭغا: _ مەيلى، قانداق قىلىشنى ياخشى كۆرسەڭ، شۇنداق قىلغىن. بالا ئەمچەكتىن چىققۇچە، ئۆيدە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار قەسىمىڭنى ئادا قىلىشىڭغا مەدەت بەرگەي، _ دېدى.
ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن!