Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. مۇبادا ئۇ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئاتا بالىسىنى جازالىغاندەك، مەنمۇ ئۇنى جازالايمەن.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:14
19 Referans Kwoze  

چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، بۈگۈن مەن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.» بۇ سۆزنى خۇدا ھەرقانداق بىر پەرىشتىسىگە دېگەن ئەمەس، شۇنداقلا خۇدا يەنە ھېچقانداق بىر پەرىشتە توغرۇلۇق: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ.» دېگەنمۇ ئەمەس.


مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل.


پەرۋەردىگار ماڭا: «ئوغلۇڭ سۇلايمان ئىبادەتخانامنى سالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى ياسايدۇ. مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئوغۇل قىلىپ تاللىدىم، مەن ئۇنىڭ ئاتىسى بولىمەن.


مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. سەندىن ئىلگىرى پادىشاھ بولغان سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن مېھىر-مۇھەببىتىمنى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن ھېچقاچان ئايرىمايمەن.


شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى خۇددى ئاتا ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيەلىگەندەك تەربىيەلىدى.


لېكىن، گۇناھقا تولغان بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە جازالانماسلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىز بىزنى مۇشۇنداق جازالاپ تەربىيىلەۋاتىدۇ.


چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن سىلەرگە يار بولىمەن ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. مەن سىلەرنى چېچىۋەتكەن يەرلەردىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەربىيەلەيمەن، ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.


ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


قارا، خۇدا تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! شۇڭا سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ تەربىيەسىگە سەل قارىما.


˜سىلەرگە ئاتا بولىمەن. سىلەرمۇ مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر.Œ دەيدۇ.»


غەلىبە قىلغانلار بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولىدۇ.


ئەمما سىلەر ياكى سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مەن بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلماي، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنسا،


لېكىن پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالمايمەن. مەن تاللىغان خىزمەتكارىم داۋۇت مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھ بولۇپ ياشايدۇ.


ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالىدۇ. ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى.


ئېلان قىلاي پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانىنى، دېدى ئۇ ماڭا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite