سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 مېنىڭ نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالىدۇ. مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار سىئونغا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن، نىجاتلىق كۈنى كەلگەندە، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. مەن سېنى قوغدايمەن، مەن سېنى خەلقىم بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمنىڭ ۋاسىتىچىسى قىلىمەن. سەن بۇ يۇرتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىسەن، خارابىلىككە ئايلانغان بۇ زېمىننى قايتىدىن تەقسىم قىلىسەن.
ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، خۇددى ساڭا ئوخشاش قانۇنۇمغا ئەمەل قىلسا، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭدە چىڭ تۇرغايسەن.