12 سەن ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان چاغدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن.
ئۇ بولسا پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئۆز ئەۋلادىدىن بىرەيلەننى ۋارىسلىق قىلدۇرۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.
ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ، بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم.
داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا، ئوغلى سۇلايماننى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى:
بۇ يەردىكى «سادىق خىزمەتكار» دېگەن سۆز پادىشاھ داۋۇتقا قارىتىلغان ئەمەس. چۈنكى، پادىشاھ داۋۇت ئۆزىنىڭ زامانىدا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خىزمەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ يەرگە كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەن.
سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا كەتكەن چېغىڭدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغۇللىرىڭدىن بىرىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ خەلق ئۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، خۇددى پاھىشىلەردەك ساداقەتسىزلىك قىلىدۇ. ئۇلار مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ.
ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە خۇدانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.
ئەمدى خۇدا ماڭا ئاشكارىلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە ئېيتاي. ھەممىمىزلا ئۆلمەيمىز، بىراق ھەممىمىز پۈتۈنلەي ئۆزگىرىمىز.
شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.
ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
ئەگەر سۇلايماننى ۋارىس قىلمىسىلا، سىلىدىن كېيىن قالساق، ئادونىيانىڭ بىزنى جىنايەتچى قاتارىدا كۆرۈشى ئېنىق، _ دېدى.
قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ.
ئەۋلادلىرىنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، تەختىنى ئۇنىڭ ئاسمان كەبى داۋام قىلدۇرىمەن.
ئارقىدىنلا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئەلىئەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغلۇڭلا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.
ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادلىرى: ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، داۋۇت پادىشاھ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى.
ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم، دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ.
ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.
مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي! ئۇ بۈگۈن ئەۋلادىمدىن بىرسىنى تەختىمگە ۋارىس قىلىپ، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلدى».
شۇندىلا پەرۋەردىگار: «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مېنىڭ يولۇمدىن ئاداشماي، ماڭا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سادىق بولسا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: ‹مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭ ماڭا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالىدۇ› دېگەنىكەن. شۇڭا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم.
_ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى.
لېكىن نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى.
ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەختىڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىمەن.
شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن يەھۇدىيەنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.
مېنى يەر يۈزىدىكى قۇمدەك سانسىز خەلققە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،
ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن بىكار قىلىشقا بولمايدىغان ئەھدە تۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك بەرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟
شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەھدە قىلغان خانىدانلىقىنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.
يىغىلغانلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان يوئاش بىلەن بىرلىكتە قەسەم قىلىشتى. باش روھانىي يىھويادا ئۇلارغا: _ مانا بۇ پادىشاھنىڭ ئوغلىدۇر، ئۇ پادىشاھ بولسۇن! بۇ پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدۇر، _ دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى،
پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە، ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _ تائەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.
داۋۇت ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى.
سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن ئادەم كەم بولمايدۇ.