Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10-11 مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر جاي تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا بىخەتەر ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن سېنى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن تىنچ-ئامان ساقلايمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:10
25 Referans Kwoze  

مەن ئۇلارنى ئۇ زېمىندا يىلتىز تارتقۇزىمەن. ئۇلار مەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئەمدى يۇلۇپ تاشلانمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر جاي تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا بىخەتەر ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى ساڭا بويسۇندۇرىمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى، مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن.


ئۇلارنى قوغدايمەن ۋە بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلارنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ئاغدۇرمايمەن. ئۇلارنى بۇ زېمىندا ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن.


زېمىنىڭ ئەمدى قەبىھ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمايدۇ، چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ. تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.


ئىسرائىللارنى كەمسىتكەن قوشنا ئەللەر ئەمدى ئۇلارغا تىكەن ۋە ئازغانلاردەك سانجىلىيالمايدۇ، شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى، يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى.


شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا مەن بىرەر ئەل ياكى خەلققە پادىشاھلىق قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ھەققىدە ۋەدە قىلىمەن.


ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.»


مەن ئۇ كۈن كەلگەندە ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلار ساڭا چېقىلمايدۇ. زېمىندىكى ئوقيا، قىلىچلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۇرۇشلارنى يوقىتىمەن، سەن تىنچ، بىخەتەر ياشايسەن.


باشلاپ كېلىپ ئۇلارنى ئۆز تېغىڭغا، ئۇ يەردە ئۇلارنى كۆچەت قىلىپ يېتىشتۈرگەيسەن. سەن پەرۋەردىگار تاللىغان ماكاندۇر ئۇ، مۇقەددەس تۇرالغۇڭنى ئۇ يەردە سالغايسەن.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئىسرائىل خەلقىدۇر، يەھۇدىيە پۇقراسى ئۇنىڭ خۇشتار بولغان ئۆسۈملۈكىدۇر. ئۇ ئادالەتنى ئارزۇ قىلغانىدى، بىراق قان تۆكۆلۈشنى كۆردى، ئۇ ھەققانىيلىقنى كۈتكەنىدى، بىراق نالە-پەريادنى ئاڭلىدى.


ئۇ ئاغدۇرۇپ يېرىنى، تېرىپ تاشلاپ تاشلىرىنى، تىكتى ئۇ يەرگە سورتلۇق ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى. ياسىدى ئۇ يەرگە بىر كۆزەت كەپىسى، ھەتتا قازدى ھەم بىر شاراب كۆلچىكى. كۈتكەنىدى ئۇ، بۇ يەردىن ياخشى ھوسۇلنى، بىراق ناچار چىقتى ئۇنىڭ ئۈزۈملىرى.»


ئى خۇدا مېنىڭ پادىشاھىمسەن، ياقۇپ نەسلىگە غەلىبە ئاتا قىلغۇچىسەن.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەپ نالە-پەرياد قىلدى. چۈنكى يابىننىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى.


بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئۈچ سەپكە بۆلۈنگەن زەربىدار قىسىملىرى بارگاھىدىن چىقىپ، بىر قىسمى شىمالغا، يەنى شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھقا يول ئالدى.


شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز خەلقىگە: _ ئىسرائىللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلاڭلار، قىز بوۋاقلىرىنىلا تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دەپ ئەمر قىلدى.


ئىسرائىللار پەقەت مەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا ئەمر قىلغان پۈتۈن قانۇنۇمغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلسا، مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئايرىپ، يەنە سەرگەردان قىلمايمەن» دېگەنىدى.


ئەگەر ئىسرائىللار مەن مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا ئەمر قىلغان پۈتۈن قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلسا، مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن يەنە ئايرىمايمەن» دېگەنىدى.


ئۆز قولۇڭ بىلەن زېمىنىدىن قوغلىۋېتىپ يات خەلقلەرنى، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى. قاتتىق ئازابلاپ يات خەلقلەرنى، روناق تاپقۇزدۇڭ ئەجدادلىرىمىزنى.


زېمىن تەييار قىلىپ بەردىڭ ئۇ كۆچەتكە، يىلتىز تارتىپ كەڭ يېيىلدى زېمىنغا.


خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ، مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار مەن تىككەن مايسا، قولۇمنىڭ ھۈنىرى بولۇپ، مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite