9 شۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى.
ۋۇجۇدۇم تىترەر قورقۇپ سېنىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمەن ھۆكۈملىرىڭدىن.
ئى خۇدا، سەن راستتىنلا زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟
بەيت-شەمەشلىكلەر: «پەرۋەردىگار، يەنى بۇ مۇقەددەس خۇدانىڭ ئالدىدا كىممۇ ئۆلمەي، تىك تۇرالار؟ ئەھدە ساندۇقى ئەمدى بۇ يەردىن قەيەرگە ئاپىرىلىشى كېرەك؟» دەپ نالە-پەرياد قىلىشتى.
مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: _ ھالىمغا ۋاي! مەن تۈگەشتىم. چۈنكى ئېغىزىم گۇناھقا پاتقان ھەمدە ئېغىزى گۇناھقا پاتقانلار ئارىسىدا ياشايدىغان مەن، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم!
مەسىلەن، سارە ئىبراھىمنى «خوجايىن» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچنېمىدىن قورقماي، توغرا ئىشلارنى قىلساڭلار، سىلەرمۇ سارەنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر.
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» [مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى»] دەپ ئاتىدى. بۇ يەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
شۇڭا، قورقۇپ، سىز بەرگەن تەڭگىنى يەرگە كۆمۈپ ساقلاپ قويغانىدىم. مانا پۇلىڭىز» دەپتۇ.