23 سائۇلنىڭ قىزى مىكال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى.
لېكىن، مەريەم بوشانغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىدى. بالا تۇغۇلغاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.
ئۇ: «ئەمدى رەببىم ماڭا ياخشىلىق قىلىپ، مېنى خالايىق ئالدىدا نومۇستىن قۇتقۇزدى» دېدى.
ئەمدى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپى خۇددى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بالا تۇغالمايدۇ، قورساق كۆتۈرەلمەيدۇ، ھەتتا ھامىلىدارمۇ بولالمايدۇ.
ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۇلار ئۆلگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ!» مانا بۇ، ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، يەتتە ئايال بىر ئەرنى تالىشىپ: «بىز ئۆز نېنىمىزنى ئۆزىمىز تېپىپ يەيمىز، ئۆز كىيىمىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىمىز چىقىمىز. بىزنى ئەمىرلىرىگە ئالغايلا، شەرمەندىچىلىكىمىزنى يوقاتقايلا!» دەيدۇ.
سامۇئىل تاكى ئالەمدىن ئۆتكۈچە سائۇلنى قايتا كۆرمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈردى. پەرۋەردىگار سائۇلنى ئىسرائىللارغا پادىشاھ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلغانىدى.
مەن قانچە ئابرۇيسىز قالساممۇ، سەن مېنى قانچىلىك كۆزگە ئىلمىساڭمۇ، مەن يەنىلا ئۇسسۇل ئويناۋېرىمەن. ۋاھالەنكى، سەن تىلغا ئالغان ئاشۇ دېدەكلەر يەنىلا مېنى ھۆرمەتلىشىدۇ، _ دېدى.
ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى.