Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 6:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 داۋۇت ئۇنىڭغا: _ ئۇسسۇل ئوينىغان بولسام، ئاتاڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتىنىڭ ئورنىغا مېنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ بېشى قىلىپ تاللىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شادلىنىپ ئوينىدىم.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 6:21
15 Referans Kwoze  

بىراق، خۇدا سائۇلنى تەختىدىن چۈشۈرۈپ، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ بەردى. خۇدا پادىشاھ داۋۇت ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت مېنى بەك خۇش قىلدى. ئۇ مەن نېمە دېسەم، شۇنى قىلىدۇ!»


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەكرەپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.


ئەمدى سېنىڭ پادىشاھلىق ئورنۇڭ ئۇزاققا بارمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىگە مۇۋاپىق بىر ئادەمنى تاپىدۇ. ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ بېشى قىلىدۇ. چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدىڭ، _ دېدى.


سامۇئىل سائۇلغا: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، ئۇنى سەندىن ياخشىراق بىرسىگە بەردى.


داۋۇت زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھاياجان بىلەن ئۇسسۇل ئوينىدى.


داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى لىرا، چىلتار، داپ، ساپايى ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى.


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.


مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كىرىلگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.


يىشاي ئادەم ئەۋەتىپ، داۋۇتنى چاقىرىپ كەلدى. داۋۇت كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان، ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: _ دەل مۇشۇ، بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيغىن! _ دېدى.


مەن قانچە ئابرۇيسىز قالساممۇ، سەن مېنى قانچىلىك كۆزگە ئىلمىساڭمۇ، مەن يەنىلا ئۇسسۇل ئويناۋېرىمەن. ۋاھالەنكى، سەن تىلغا ئالغان ئاشۇ دېدەكلەر يەنىلا مېنى ھۆرمەتلىشىدۇ، _ دېدى.


مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدىم.


بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارمۇ سىلىگە: «خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، سەنمۇ مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باش بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite