Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 6:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئۇ يەنە پۈتۈن خەلققە ئەر-ئايال دېمەي، ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش تارقىتىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 6:19
16 Referans Kwoze  

ئەمدى كۆپچىلىك قايتىپ زىياپەت تەييارلاڭلار. ئېسىل تائام ۋە شېرىن ئىچىملىكلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار. ئۇلارنى ھېچنېمە ھازىرلىيالمىغانلار بىلەن بۆلۈپ يەڭلار. بۈگۈن خۇدايىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر، قايغۇرماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن شاد-خۇراملىقىمىز بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزدۇر! _ دېدى.


بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ ئەرشكە چىققاندا، نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى يېتەكلىدى. ئىنسانلارغا ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلدى.»


ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتتىم. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىمىز ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارمايسىلەر!


ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پادىشاھ ھېيت-بايرام كۈنلىرى، يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا كۆپچىلىككە مىڭ تۇياق بۇقا، يەتتە مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلدى. ئەمەلدارلارمۇ مىڭ تۇياق بۇقا، ئون مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. نۇرغۇنلىغان روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى.


شۇ كۈنى، يەنى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سۇلايمان جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت، سۇلايمان ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.


ئۇ يەنە پۈتۈن خەلققە ئەر-ئايال دېمەي، ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش تارقىتىپ بەردى.


ئون بەشىنچى كۈنى پادىشاھ جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پادىشاھ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى داۋۇتقا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن بارلىق شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.


شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خەلققە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى.


داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى. سائۇلنىڭ قىزى، يەنى داۋۇتنىڭ ئايالى مىكال ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىقىپ، ئۇنىڭغا: _ پاھ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بۈگۈن قالتىس شانۇشەۋكەتلىك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟! ئەمەلدارلىرىنىڭ دېدەكلىرى ئالدىدا خۇددى پەسكەش ئادەملەردەك يېرىم يالىڭاچ بولۇپ، ئۆزلىرىنى كۆرسەتتىلىغۇ! _ دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى، داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەش ئۈچۈن قايتتى.


كىشمىش بىلەن قۇۋۋەت بەر ماڭا، ئالما بىلەن روھلاندۇر مېنى، چۈنكى بىتاب بولدۇم ئىشقى ئوتۇڭدا.


پەرۋەردىگار مەن ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ سەن يەنە بىر قېتىم باشقا ئەرنى سۆيىدىغان زىناخور ئايالىڭغا كۆڭلۈڭنى بەرگىن. مەن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىلىيە خەلقىنى سۆيگەندەك، سەنمۇ ئۇنى سۆيگىن. گەرچە ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، بۇتلارغا كىشمىش سۇنۇشنى ياخشى كۆرسىمۇ، مەن پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن.


كېيىن يوشۇۋا ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۇزىتىپ قويدى. ھەممىسى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite