17 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.
(داۋۇت بۇرۇن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىمدىن يېرۇسالېمدىكى ئۆزى ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن تەييارلىغان چېدىرغا يۆتكەپ ئەكەلدۈرگەنىدى.)
داۋۇت ئۆزىگە داۋۇت شەھىرىدە سارايلارنى سالدۇردى. كېيىن يەنە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن ئورۇن تەييارلاپ، چېدىر تىكتۈردى.
ئى پەرۋەردىگار، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _ ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە.
پادىشاھ سۇلايمان ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي ۋە كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلار ھەددى-ھېسابسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.
قۇربانلىق سۇنغۇچى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقىرىۋېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. ئۇ ئومۇرتقىسىدىن پۈتۈن قۇيرۇق مېيىنى چىقىرىۋالسۇن ھەمدە قۇربانلىقنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرىنى،
ئەھدە ساندۇقى داۋۇت ياسىغان چېدىرىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، داۋۇت چېدىردىكى نەغمىچىلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئادەم تەيىنلىدى.
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى.