Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 6:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كېلىشنى خالىماي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 6:10
11 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ بېشى ئاساف بولۇپ، ياردەمچىسى زىكىرىيا ئىدى. باشقىلار: يىئىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ماتتىتيا، ئەلىئاب، بىنايا، ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېللار. ئۇلار چىلتار ۋە لىرا چېلىشقا بۇيرۇلدى. ئاساف جاڭ چالىدىغان بولدى.


ئۇلار يەنە لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارغا ياردەمچى قىلدى: زىكىرىيا، يائازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، بىنايا، مائاسېيا، ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ۋە دەرۋازىۋەنلەردىن ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېل.


ئۇ ئادەملىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ ئاكىسى، يەنى مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاينىڭ قولىغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇردى. داۋۇت ئۇلارغا: _ مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرگە جەڭگە چىقىمەن، _ دېدى.


پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا: _ نېمىشقا بىزگە ئەگىشىپ كېلىسەن؟ قايتىپ كەتكىن! سەن ئىسرائىللاردىن ئەمەس، باشقا ئەلدىن كەلگەن مۇساپىرسەن. كىم پادىشاھىڭ بولسا، شۇنىڭ يېنىدا تۇرغىن.


بەئەروتنىڭ ئەسلى ئاھالىسى گىتتايىمغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ ياشىماقتا.


يىھۇد، بىنەبىراق، گاترىممون،


(كېيىن داۋۇت يېرۇسالېمدىكى سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.)


شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە بۇ قەلئەنى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ كېڭەيتىپ قۇردى.


شىبانيا، يوشافات، نىتانئېل، ئاماساي، زىكىرىيا، بىنايا ۋە ئەلىئەزەر قاتارلىق روھانىيلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چېلىشقا بەلگىلەندى. ئوبېد-ئىدوم بىلەن يىخىيامۇ ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك باقارى بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite