1 داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ سەرخىل لەشكەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار جەمئىي 30 مىڭ ئىدى.
پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە تەۋە قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھىبروندىكى داۋۇتنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز.
شۇڭا پەقەت ئادەملىرىمنىڭ يېگىنىلا سەندىن ئالغىنىم بولسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمەڭنى ئالمايمەن. لېكىن مېنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىم بولغان ئانېر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە غەنىيمەتلەردىن تېگىشلىكىنى ئايرىپ بەرگىن، _ دېدى.
شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى.