سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 5:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى20 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا بۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى»] دەپ نام بېرىلدى. Gade chapit la |
ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بولغان كىشىلەر ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ: «پادىشاھ بىزنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە باشقا دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىدى. لېكىن بىز ئابسالومنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدۇق، شۇڭا داۋۇت ئابسالومدىن قېچىپ، يۇرتىدىن كېتىپ قالدى. ئەمما ھازىر ئابسالوم ئۆلدى. نېمىشقا ئەمدى داۋۇتنىڭ قايتىپ كېلىپ، بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى تەلەپ قىلمايمىز؟» دېيىشتى.