سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 5:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بارگاھ قۇردى. Gade chapit la |
بىر قېتىم ئورما ۋاقتىدا داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدىكى «ئوتتۇز باتۇر» دەپ نام ئالغان باتۇرلاردىن ئۈچى داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارغا بارىدۇ. بۇ چاغدا داۋۇت تاغدىكى ئاشۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافاھلار جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ. فىلىستىيەنىڭ يەنە بىر قىسىم لەشكەرلىرى بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.
بىر قېتىم داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدىكى «ئوتتۇز باتۇر» دەپ نام ئالغان باتۇرلاردىن ئۈچى داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارنىڭ ئەتراپىدىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا بارىدۇ. بۇ چاغدا داۋۇت تاغدىكى ئاشۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافاھلار جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ. فىلىستىيەنىڭ يەنە بىر قىسىم لەشكەرلىرى بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.