Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 5:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 5:10
19 Referans Kwoze  

سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋام قىلدى. داۋۇتنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، سائۇلنىڭ جەمەتى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتى.


ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ


شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوي-تۇرقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى يېتىلىپ، خۇدانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بولدى.


ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!


تاڭ نۇرىغا ئوخشار ھەققانىيلارنىڭ يولى، قۇياش تولۇق كۆتۈرۈلگىچە نۇرلىنار يورۇغانسېرى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ


ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ.


شۇ چاغدا پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز لەشكەر بېشى فىكول بىلەن بىرگە ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ سېنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا خۇدا ساڭا يار بولۇپتۇ.


بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟ ئۇ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىردىنبىر شەۋكەتلىك پادىشاھتۇر. سېلاھ


مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي زىرۇببابەل، جاسارەتلىك بول! ئەي يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا، جاسارەتلىك بول! ئەي بۇ يەردىكى بارلىق خەلق، سىلەرمۇ جاسارەتلىك بولۇڭلار! ھازىرلا ئىشقا كىرىشىڭلار. مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىمەن، بۇ مېنىڭ ۋەدەم!


سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ۋەزىپىگە تەيىنلىمىسۇن، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ كېلەتتى. شۇڭا سائۇل ئۇنى لەشكەر بېشى قىلىپ قويدى، بۇنىڭدىن لەشكەرلەر ۋە سەركەردىلەر بىردەك مەمنۇن بولدى.


سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار سائۇلدىن ئايرىلىپ، داۋۇتقا يار بولغانىدى.


پەرۋەردىگار داۋۇتقا يار بولغاچقا، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشەتتى.


قەيەرگىلا بارساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن.


شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى.


ئۇ يەنە ئىدومنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite