Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 4:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھىبرونغا، يەنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ رەقىبلىرى سائۇل ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئېلىش قەستىدە بولغانىدى. قارىسىلا، مانا بۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى. پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئالىدىغان ئىنتىقاملىرىنى ئېلىپ بەردى، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 4:8
18 Referans Kwoze  

بىرەرسى سىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەينىڭىزگە چۈشسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭىز خۇدا سىزنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلايدۇ. دۈشمەنلىرىڭىزنى خۇددى سالغىغا سېلىپ ئاتقان تاشتەك پىرقىرىتىپ ئېتىۋېتىدۇ.


خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا، بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى.


- ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىلىيىگە قايت! چۈنكى، بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، - دېدى.


تىلىم ھەمىشە بايان ئەيلەر سېنىڭ ئادالىتىڭنى، چۈنكى رەسۋا قىلىپ يىقىتتىڭ شۇم نىيەتتە بولغانلارنى.


شۇ ئارىلىقتا ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەم يېتىپ كەلدى. _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنى سىلىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر قولىدىن قۇتقۇزدى! _ دېدى ئۇ.


زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا: _ ئىجازەت بەرسىڭىز، مەن تېز بېرىپ پادىشاھقا: «پەرۋەردىگار سىلىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى» دەپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، _ دېدى.


داۋۇتنىڭ ئادەملىرى: _ پەرۋەردىگار سىزگە: «دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل» دېگەنىدى، قاراڭ، مانا بۈگۈن شۇ پەيت كەلدى! _ دېدى داۋۇتقا. داۋۇت ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، سائۇلنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىدىن تۇيدۇرماي بىر پارچە كېسىۋالدى،


داۋۇت زىف چۆلىدىكى خوراش دېگەن جايدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ سائۇلنىڭ ئۆزىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.


داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭ جېنىمنى ئالغۇدەك، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى.


لېكىن سائۇل ئادەملىرىنى يەنە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: _ ئۇنى ياتقان تۆشىكى بىلەنلا كۆتۈرۈپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆلتۈرىمەن، _ دېدى.


سائۇل: «نەيزە بىلەن داۋۇتنى تامغا مىخلاپ قويايچۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ نەيزە ئاتتى. لېكىن داۋۇت ئىككى قېتىم ئۆزىنى نەيزىدىن چەتكە ئالدى.


نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى.


سائۇل ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىغا داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى تاپىلىدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite