Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپ بولغان مىفىبوشەت ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. سائۇل بىلەن يوناتان قازا قىلغاندا، ئۇ بەش ياشتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يىزرىئەلدىن يېتىپ كەلگەندە، ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقانىدى. ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقاندا، ئالدىراپ قاچقاچقا، بالا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، مېيىپ بولۇپ قالغانىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 4:4
10 Referans Kwoze  

_ سائۇل جەمەتىدىن بىرەر ئادەم قالغاندۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسەتكۈم بار، _ دېدى پادىشاھ. _ يوناتاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھاياتتۇر، لېكىن ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپتۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا.


يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى، مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.


يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى، مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.


سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. _ مىفىبوشەت! _ دېدى داۋۇت. _ لەببەي، _ دېدى ئۇ.


شۇ سەۋەبتىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سەھەر تۇرۇپ يولغا چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قايتتى. فىلىستىيەلىكلەر يىزرىئەلگە قاراپ ئاتلاندى.


فىلىستىيەلىكلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى ئافېققا يىغدى. ئىسرائىللار بولسا يىزرىئەلدىكى بۇلاق بويىدا بارگاھ قۇردى.


پادىشاھ داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە ئىچى ئاغرىدى. چۈنكى ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن دوستلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەنىدى.


ئىككىلا پۇتى مېيىپ بولغان مىفىبوشەت ئەمدى يېرۇسالېمدا ياشاپ قالدى ۋە دائىم پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا غىزالىنىپ تۇردى.


بىراق ھاداد ئاتىسىنىڭ بىرقانچە ئىدوملۇق خىزمەتكارى بىلەن مىسىرغا قېچىپ بېرىۋالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك بالا ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite