Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 4:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شۇنداق ئىكەن، گۇناھسىز بىر ئادەمنى ئۆيىدە، ياتقان يېرىدە قەتل قىلغان رەزىل ئادەملەرگە قانداقمۇ مۇكاپات بېرەي؟ ئۇنىڭ قان قەرزىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلمايمەنمۇ؟ _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 4:11
19 Referans Kwoze  

چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى، ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى.


شەيتانغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماڭلار! قابىل نېمىشقا ئىنىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ناھەق، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.


ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بارسەن، مەڭگۈ يوقالمايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالاش ئۈچۈن بابىللىقلارنى تاللىدىڭمۇ؟ ئەي پاناھگاھىمىز، بىزنى جازالاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بەردىڭمۇ؟


قانۇن كۈچىنى يوقاتقان، ئادالەتمۇ يوقالغان. رەزىللەر ھەققانىيلارنى قورشىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ناھەق ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاشۇ ئەللەرگە جاكارلا: ‹بۇ بۇتلار ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتمىغان. ئۇلار ئاسماننىڭ ئاستىدىكى زېمىندىن يوقىلىدۇ!›


رەزىلگە يول قويغان ھەققانىي كىشى، خۇددى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، بۇلغانغان قۇدۇق كەبى.


لېكىن ئۇ يەردىن تارمار قىلىنار يامانلىق قىلغۇچىلار. يۇلۇپ تاشلىنار ۋاپاسىزلار.


خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن دائىم گۇناھلىرى، يەر يۈزىدىن يوق قىلسۇن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىنى.


ئۇ قان تۆككەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى چوقۇم جازالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاتام داۋۇتنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدىن ھەققانىي ۋە ياخشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەھۇدىيەنىڭ باش سەركەردىسى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن.


مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.


ئابنېر ھىبرونغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىنگەندە، يوئاب ئۇنى ئايرىم سۆزلىشەيلى دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، ئىنىسى ئاسائېلنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى.


كىمدەكىم بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.


ئەسلى مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، سېنى ۋە خەلقىڭنى ۋاباغا مۇپتىلا قىلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلالايتتىم.


خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە قۇشلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى.


شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: _ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنى دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن!


سەن ئەمدى قارغىشىمغا قالىسەن، يەرگە ئىشلىيەلمەيسەن! چۈنكى سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە قان تۆكتۈڭ.


سەن سائۇل جەمەتىنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكىڭ ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى جازالاپ، پادىشاھلىق تەختىنى ئوغلۇڭ ئابسالومغا ئېلىپ بەردى. ئەي قانخور، قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە قايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite