7 سائۇلنىڭ رىزپاھ ئىسىملىك بىر توقىلى بار ئىدى، ئۇ ئايياھنىڭ قىزى ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنېرغا: _ سەن نېمىشقا ئاتامنىڭ توقىلى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىسەن؟ _ دېدى.
ئادونىيا: _ پادىشاھ سۇلايماندىن ماڭا شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بېرىشىنى سورىسىلا. ئۇ سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايدۇ، _ دېدى.
ئۇنىڭ ئوردىسىنى ساڭا ئاتا قىلىپ، خوتۇنلىرىنى قۇچىقىڭغا تاشلاپ بەردىم. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقلىرىنىمۇ ساڭا بەردىم. بۇلارنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكىنى بېرەر ئىدىم.
نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى.