36 كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ، پادىشاھتىن خۇشال بولۇشتى. ئەسلىدە ئۇلار پادىشاھنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ياخشى كۆرەتتى.
خالايىق ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە قالغانىدى. ئۇلار: - ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى! ھەتتا گاسلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ، گاچىلارنى زۇۋانغا كەلتۈردى، - دېيىشتى.
ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.
ئابسالوم پادىشاھقا ئەرز قىلغىلى كەلگەن بارلىق ئىسرائىللارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.
بىر خەۋەرچى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئىسرائىللارنىڭ قەلبى ئابسالومغا ئېغىپ كەتتى» دېدى.
ئۇلار داۋۇتنى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى ئازراق غىزا يېۋېلىشقا ئۈندىدى. لېكىن داۋۇت قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر مەن كۈن پاتقۇچە ئاغزىمغا بىرەر نەرسە سالسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.
شۇ كۈنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە پادىشاھ داۋۇتنىڭ قولىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدى.