33 پادىشاھ داۋۇت يەنە ئابنېرغا ئاتاپ مۇنداق مەرسىيە ئوقۇدى: ئەي ئابنېر، ئەرزىمەس ئادەمدەك ئۆلۈشۈڭ كېرەكمىدى؟
يەرەمىيا پەيغەمبەر پادىشاھ يوشىياغا ئاتاپ مەرسىيە ئوقۇدى. شۇنىڭدىن بېرى پادىشاھ يوشىيانى خاتىرىلەپ مەرسىيە ئوقۇش ئىسرائىللارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ، بارلىق ئەر-ئايال ناخشىچىلار ئۇنى خاتىرىلەپ، مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە. بۇ مەرسىيەلەر «مەرسىيەلەر توپلىمى»دا خاتىرىلەنگەندۇر.
داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان ئۈچۈن «يا» مەرسىيەسى دەپ ئاتالغان تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇدى. ئۇ: «بۇ مەرسىيە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە ئۆگىتىلسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. (بۇ مەرسىيە «ياشۇر» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەندۇر.)
ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۇخۇمدىن تۆرەلگەن كەكلىك ئۇچۇپ كەتكەندەك، كىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن توپلىغان مال-دۇنيالىرى يوقىلىپ كېتىدۇ. ھايات مەزگىلىدە ئۇ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.»
ھاماقەتنىڭ ئاغزى ئۆزىگە بالادۇر. ئۇنىڭ تىلى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر.
قوللىرىڭ باغلاقلىق، پۇتلىرىڭ كىشەنلىك ئەمەس ئىدى، ئەمما رەزىللەرنىڭ قولىدا ئۆلدۈڭ ئەمدى! كۆپچىلىك يەنە ئابنېر ئۈچۈن ياش تۆكۈشتى.
بۇ مىسىر ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان مەرسىيەسىدۇر. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئاياللىرى مىسىر ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن بۇ مەرسىيەنى ئېيتىشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»