32 ئۇلار ئابنېرنى ھىبروندا دەپنە قىلدى. پادىشاھ داۋۇت ئابنېرنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ھۆڭرەپ يىغلىدى، كۆپچىلىكمۇ كۆز يېشى قىلىشتى.
رەقىبىڭ يىقىلغاندا خۇشال بولما، پۇتلاشقىنىدا ئىچ-ئىچىڭدىن شادلانما.
سوراققا لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولاتتىم، چۈنكى بۇ ئەرشتىكى خۇدادىن تانغانلىقتۇر.
پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى ۋە ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە چىققاچ: _ ئوغلۇم ئابسالوم، سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى.
ئۇلار قىلىچ ئاستىدا قازا قىلغان سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن كۈن پاتقۇچە ماتەم تۇتۇشۇپ، يىغا-زار قىلىشىپ، روزا تۇتۇشتى.
مادارى قالمىغۇچە ھۆڭرەپ يىغلاشتى.
داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىپ، تەنلىرىنى ھىبروندىكى كۆلچەكنىڭ بويىغا ئېسىپ قويۇشتى. ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ئابنېرنىڭ ھىبروندىكى قەبرىسىگە ئېلىپ بېرىپ، دەپنە قىلىشتى.
مەن قانداقسىگە دۈشمەننىڭ بالاسىدىن شادلىناي، ئۇلارنىڭ قازاسىدىن خۇشاللىناي؟