31 داۋۇت يوئاب ۋە كۆپچىلىككە: «كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، ئابنېر ئۈچۈن ھازا تۇتۇڭلار!» دېدى. پادىشاھ داۋۇتمۇ جىنازىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
ياقۇپ ھەسرەتتە كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھازا تۇتتى.
داۋۇت قايغۇدىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتتى، ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ شۇنداق قىلدى.
ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن بىر ياش يىگىت كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى.
يىفتاھ قىزىنى كۆرۈپلا، كىيىملىرىنى يىرتىپ نالە قىلىپ: _ ۋاي قىزىم! سەن مېنى ئېچىنىشلىق قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدىڭ! مەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغانىدىم، قەسىمىمدىن يانالمايمەن، _ دېدى.
يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى.
ئاندىن، توپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جىنازىغا قولىنى تەگكۈزگەنىدى، جىنازا كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ھەزرىتى ئەيسا: - يىگىت، ئورنۇڭدىن تۇر، - دېيىشى بىلەنلا،
پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى.
يۈسۈپ سودىگەرلەرگە سېتىلغاندا، رۇبېن يوق ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، يۈسۈپنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئېچىنغان ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىپ،
مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن. ئۇلار قارىلىق كىيىم كىيىپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى بېكىتىلگەن ئەنە شۇ 1260 كۈندە يەتكۈزىدۇ.»
ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ئاڭلىشىمىزچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى رەھىمدىل ئىكەن. بىزنىڭ ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بوينىمىزغا ئارغامچا سېلىپ، ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا بېرىشىمىزغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر قوشۇق قانلىرىدىن كەچسە ئەجەب ئەمەس، _ دېدى.
ئاخاب ئىلياسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، روزا تۇتتى. ئۇ ھەر كۈنى ماتەملىك كىيىمى بىلەن يېتىپ قوپۇپ، غەمكىن يۈردى.
ئۇ يەنە ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە يېتەكچى روھانىيلارنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى.