Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئىككىنچى ئوغلى كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگالدىن تۇغۇلغان كىلاب، ئۈچىنچى ئوغلى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم،

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:3
22 Referans Kwoze  

بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. (بۇ خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇر ۋە مىسىرغىچە بولغان بۇ يەرلەردە ياشاپ كەلگەنىدى.)


داۋۇتنىڭ ھىبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى ئامنون، يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان، ئىككىنچى ئوغلى دانىيال، كارمەللىك ئابىگالدىن تۇغۇلغان،


شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالىنى، يەنى يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن ئابىگالنى ئېلىپ، ھىبرونغا باردى.


ئابىگال دەرھال جابدۇنۇپ، ئېشىكىگە مىنىپ، بەش دېدىكىنى ئېلىپ، داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە بېرىپ، داۋۇتقا ياتلىق بولدى.


ئەمما ئىسرائىل خەلقى گىشۇر ۋە مائاكا خەلقىنى بۇ زېمىندىن قوغلىمىدى، شۇڭا ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا داۋاملىق ياشاپ كەلمەكتە.


ماناسسە قەبىلىسىدىن بولغان يائىر پۈتۈن ئارگوب زېمىنىغا، يەنى باشانغا ئىگە بولدى. بۇ زېمىنىنىڭ چېگراسى گىشۇرلار ۋە مائاكالارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشاتتى. ئۇ يېزىلارغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويدى، بۇلار تاكى ھازىرغىچە «يائىر يېزىلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.)


پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى ۋە ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە چىققاچ: _ ئوغلۇم ئابسالوم، سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى.


لېكىن پادىشاھ: _ ئابسالوم ئۆيىگە بارسۇن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلمىسۇن، _ دېدى. شۇڭا ئابسالوم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى.


داۋۇتنىڭ تامار ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بار ئىدى. ئۇ ئابسالومنىڭ ئۆز سىڭلىسى ئىدى. داۋۇتنىڭ باشقا ئايالىدىن ئامنون ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ تامارنىڭ ئانا باشقا ئاكىسى ئىدى. ئۇ تامارغا كۆيۈپ قالغانىدى.


ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: _ مەن سېنى چاقىرتسام، سەن كەلمىدىڭ. ئەسلىدە سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ، پادىشاھتىن مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى ئەمەسمىدى، دەپ سوراتقۇزماقچىدىم. سەن ئەمدى مېنى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغىن. ئەگەر مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئۆلتۈرسۇن، _ دېدى.


تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابسالوم داۋۇت پادىشاھقا: _ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋەدەمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن ھىبرونغا بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسىز!


مەن ئاررامنىڭ گىشۇر دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقىنىمدا پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرساڭ، ھىبروندا ساڭا ئىبادەت قىلىمەن» دەپ، ۋەدە بەرگەنىدىم، _ دېدى.


ئاتىسى ئۇنى ئەزەلدىن: «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ ئەيىبلىمەيتتى. ئادونىيا ئابسالومدىن كېيىنكىسى بولۇپ، ئۇمۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت ئىدى.


ئادونىيا: _ سىلىگە مەلۇم، بۇ پادىشاھلىق ئەسلى مېنىڭ ئىدى. بارلىق ئىسرائىللار مېنى پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئويلىشاتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن پەرۋەردىگارنىڭ خاھىشى بىلەن پادىشاھلىق ئىنىمنىڭ بولۇپ قالدى.


ئۈچىنچى ئوغلى ئابسالوم، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان، تۆتىنچى ئوغلى ئادونىيا، خاگگىتتىن تۇغۇلغان،


شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب گىشۇرغا بېرىپ، ئابسالومنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite