Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 ئۇنىڭ ئاققان قېنىنىڭ گۇناھى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلسۇن! يوئابنىڭ جەمەتىدىن يىرىڭلىق يارا ۋە ئىنساننى ناپاك قىلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ئۆكسۈمىسۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قولتۇق تايىقىدا ماڭىدىغان، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغان ۋە بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان كىشىلەر پەقەت يوقالمىسۇن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 3:29
18 Referans Kwoze  

داۋۇت: _ قان تۆككەنلىكىڭ ئۆزۈڭنىڭ بېشىغا چىقتى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، _ دېدى.


يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ ۋە پەيغەمبەرلەر قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.»


يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم جەزمەن بىر قاتىل! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «تەقدىر» ئۇنىڭ ياشىشىغا يول قويمىدى، - دېيىشتى.


شۇڭا نائاماننىڭ تېرە كېسىلى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا قالىدۇ، _ دېدى. گېخازى ئېلىشانىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، تېرىلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.


ئاررام پادىشاھىنىڭ نەزىرىدە قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى نائامان كاتتا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئاررامغا غەلىبە ئاتا قىلغانىدى. ئۇ باتۇر بىر جەڭچى ئىدى، لېكىن ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.


خۇدانىڭ مۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، يېرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنىڭ قېنىنى تۆككەن ئابىمەلەكنى ھەمدە ئابىمەلەكنى قوللاپ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن شەكەم ئاقساقاللىرىنى جازالاش ئىدى.


_ سىلەر ئىسرائىللارغا ئېيتىڭلار، كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر ئەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالمىلار ئاقسا، ئۇ ئەر ناپاكتۇر.


ئاشۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى جىلغىدا بوينى سۇندۇرۇلغان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىدە قولىنى يۇيسۇن.


داۋۇت بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: _ نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن مەن ۋە پادىشاھلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەتئىي گۇناھكار ئەمەسمىز.


سەن سائۇل جەمەتىنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكىڭ ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى جازالاپ، پادىشاھلىق تەختىنى ئوغلۇڭ ئابسالومغا ئېلىپ بەردى. ئەي قانخور، قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە قايتتى.


لېكىن ئۇ كىشى كېيىن ساقىيىپ، ھاسا تۇتۇپ ماڭغۇدەك بولسا، ئۇرغۇچى گۇناھسىز دەپ ھېسابلانسۇن. ئەمما يارىلانغۇچىنىڭ ۋاقىت جەھەتتە تارتقان زىيىنىنى تۆلىسۇن ۋە ئۇنى داۋالىتىپ ساقايتسۇن.


شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئۆزۈڭلار تۇرىدىغان زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ. قان بىلەن بۇلغانغان زېمىننى پەقەت قاتىلنىڭ قېنى بىلەن پاكلىغىلى بولىدۇ.


تەشەككۈر ئېيتىمەن ھەققانىي پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇيمەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامىغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite